نەبى دۇكانغا كىرىپ يىگىرمە يۈەنلىك تاماكىدىن بىر قاپ سېتىۋېلىپ دۇكانچىغا ئەللىك يۈەن بېرىپتۇ. دۇكانچى ئۇنىڭغا قىرىق يۈەن قايتۇرۇپتۇ.
نەبى پۇلنى ئېلىپلا ئالدىراش تاماكىنى ئالمايلا سىرتقا مېڭىپتىكەن ، دۇكانچى چاقىرىپتۇ:
- ئۇكام تاماكىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ .
نەبى بۇ ئىشتىن تەسىرلىنىپ ئون يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىپ ئارتۇق قايتۇرىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپتۇ.
دۇكانچى بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ كېتىپ نەبىگە :
ئەكەل تاماكىنى، مەن ساختىنى بەرگەن ئالماشتۇرۇپ بېرەي- دەپتۇ.
بۇنىڭدىن نەبى قاتتىق تەسىرلىنىپ : - ئاكا ، بايا سىزگە بەرگەن ئەللىك يۈەنلىك پۇل ساختا ئىدى ، ئالماشتۇرۇپ بېرەي- دەپتۇ.
دۇكانچى بۇنى ئاڭلاپ تەسىرلىنىپ كۆزىگە ياش ئېلىپ: - بايىقى ساڭا قايتۇرغان پۇلمۇ ساختا ئىدى ،ئالماشتۇرۇپ بېرەي- دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلاپ نەبى : - ئاكا بايام تېلفۇنىڭىزنى ئېلىۋالغانتىم ، قايتۇرۇپ بېرەي- دەپتىكەن، دۇكانچى ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ:
- ئۇكام پورتمالىڭنى ئالە-دەپ پورتمالىنى سۇنۇپتۇ.
نېمىدىگەن ئىللىقلىققا تولغان دۇنيا بۇ ھە...