يۇمۇر بەت

خەپ دەردىم شىپايى كۈلدۈرگە تالقىنى

بۇ تالقان كىچىكىدە قاراڭغۇدىن قورقۇش،چوڭ بولغاندا خوتۇندىن قورقۇش،مۇھاببەتتە مەغلۇپ بۇلۇش،خۇتىنى ئاچچىقىنى كەلتۈرسە ئۈزىنى ئۇرۇش،تېل ئاڭلىسىمۇ قورسىقى تۇيۇش،3 تە ياخشى 5تە نەمۇنىچى بۇلۇش ،ھەمدە ئايلىق مائاشىنى تىقالماسلىق ،ئانىسى ئاچچىقىنى كەلتۈرسە پوكىنىدىن سىقالماسلىق ،ئۈزىنىڭ جېنىنى ئۈزى باقالماسلىق ،ئېغىلدىكى كالىسىنى ئۈزى ساغالماسلىق،خېمىر يۇغۇرۇپ نان ياقالماسلىق، ناننى چاينىيالماسلىق .يولدا تۈز ماڭالماسلىق ،يەنە كىلىپ ماتاڭ يېسە چىشىغا چاپلىشىپ قېلىش،ئالمىنى پۈتۈن يېسە ئاغېزىغا كەپلىشىپ قېلىش،پۇتبول ئوينىسا پۇتلىرى تېپىشىپ قېلىش، موللاق ئاتسا يىقىلىپ قېلىش قاتارلىق ئۇنىڭدىن باشقا،چوڭلادىكى 100 ياشقا كىرگەندىمۇ ۋېلىسىپىت مىنەلمەسلىك،ئۈزىنىڭ سىرتمىسىنى ئۈزى ئىتەلمەسلىك ،50 يىل بۇرۇنقى ئىشنى بىلەلمەسىلىك ،ئۇ دۇنياغا كىتىپ قالسا كىلەلمەسلىك، يۇمۇر ئاڭلىسىمۇ كۈلەلمەسلىك،بۇزۇغان نەرسىسىنى تۆلەلمەسلىك، 80 ياشقا كىرگەندىمۇ مۇھاببەت تاپالماسلىق،يوتقىنى ئېچىلىپ كەتسە ياپالماسلىق،ئۈزىنىڭ كەشىنى ئۈزى ساپالماسلىق ،كىچە بولسا دەرت ئازاپتا ياتالماسلىق ،مىلتىق كۆتىرىپ ئوۋ ئاتالماسلىق ،يىڭنىگە يىپنى ساپالماسلىق ،5 قەۋەتتىن ئۈزىنى ئاتالماسلىق ،1 گە 1 نى قاتالماسلىق ،بىر كۈن كەتمەن چاپالماسلىق ،قاتارلىقلارغا خانىم قىزلىرىمىزدىكى بولسا ،كىلىشكەنلەرنى كۆرسە قاش ئاتالماسلىق ،ئىرى ئاچچىقىنى كەلتۈرسە تاش ئاتالماسلىق ،راسقا يالغاننى قاتالماسلىق ،كۈندە 100 يۈئەنلىك گىرىم قىلالماسلىق ،كۈزى چۈشكەن مالنى ئالالماسلىق،ئالتۇن ئۈزۈك سالالماسلىق ،پايپىقىنى يۈتۈرۈپ قويۇپ تاپالماسلىق قاتارلىقلارغا ،ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرمىزدىكى بولسا ،ئۇقۇتقۇچىللىردىن قورقۇش ،فورما كەيمەي سىنىپقا كىرەلمەسلىك،ئۇقۇتقۇچىسىنى ئالدىيالماسلىق،دەرىستىن قاچالماسلىق،باشقىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى كۈچىرەلمەسلىك ،تەييارلىقسىز ئىمتاھاندىن ئۈتەلمەسلىك،مۇھاببەت تۇتالماسلىق،قىما ئوينىسا ئۇتتالماسلىق ،ئۆتمىگەن دەرىسنى ئۇقالماسلىق،يۈرەكلىك باۋ يې قىلالماسلىق ،ئاتا ـ ئانىسنى پۇل سالدۇرالماسلىق،چېچىنى بۇيالماسلىق ،باشقىلارنى ئالداپ قۇيالماسلىق ،ئوغىرى پۇلىنى ئېلىۋالسا تۇيالماسلىق ،باشقىلاردىن ئۇيالماسلىق ،پۇتى سۇنۇپ كەتسە توپ ئوينىيالماسلىق ،يالغان گەپ تۇقۇيالماسلىق ،ئۆگەنمىگەن خەتنى ئۇقىيالماسلىق ،ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرالماسلىق ،ئۈزىدىن چوڭلارنى ئۇرالماسلىق ،قاتارلىقلار ئۇنىڭدىن سىرت ،تاماكا چەكسە ئۆپكىسىگە كىتىش،ھاراق ئىچسە مەس بۇلۇپ كىتىش،كۈنىنى ئېلىش تەس بۇلۇپ كىتىش،باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە پەس بۇلۇپ كىتىش،ئۇرۇشقاندا يىڭىلىپ قېلىش ،دەرىس خوشياقمىسا مەكتەپتىن قېچىش ،كۈندا ئالەم چۈشكىچە يېتىش ، دەرىس ۋاختىدا ئۇخلاپ قېلىش ،كۈندا 3 ۋاخ تاماق يىيىش ،كىيىملارنى تەتە كىيىش ،كىچىسى ياتقان يىرىگە سىيىش ، ئاي شارىغا چىقسا بېشى قېيىش، ئۇخلاپ قالسا چۈش كۆرۈش،شۇنداقلا چېچىنى تارىيالماسلىق ،قىزىلارنى كۆرسە قارىيالماسلىق ،ئىشىك دېرىزىلەردىن مارىيالماسلىق ،قىز ئۇغۇللارنى ئايرىيالماسلىق ،قاتارلىق كىسەللىكلەرگە بولغان ئۈنىمى ناھايتى ياخشى سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىز مىنىڭ مەنپەتىم ئۈچۈن ئالدى بىلەن 10 قاپ ئىشلىتىپ ئەكىس تەسىرى كۆرۈلمىگەندىن كىيىن خاتىرجەم ھالدا ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ،ئىشلىتىش ئۇسۇلى :كىچە سائەت 12 بىر ۋاخ ئەتتىگەندە ناشتا قىلىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ناشتا قىلىپ بۇلۇپ بىر قېتىم ئىچسىڭىز بۇلىدۇ ،دورىنىڭ ياخشى مەنپەئەت قىلىشى ئۈچۈن ئامال بار پىجۇ ياكى ئەرگوتو بىلەن بىللە ئىچىڭ ، بىر داۋالاش باسقۇچىدىلا بارلىق كىسىلىڭىزنى تەل تۈكۈس شەنچۇ قىلىۋېتەلەيدۇ .ئورنى يەر شارىغا كىرىپ مىنوس 520 ياكى مىنوس886 يول مىتىرولىرغا ئولتۇرۇپ گازىر چاققاچ ئەڭ ئاخىرقى بىكىتىدا چۈشۈپ قېلىپ ،خەپ دەردىم شىپايى كۈلدۈرگە كۇلىبىغا كىرسىڭىز بۇلىدۇ ،ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نۇمۇرمىز5959000 غا تېلىفۇن قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
ئەسكەرتىش:مەزكۇر دورا پوچتىدىن ئەۋاتىلمەيدۇ



سەرخىل يۇمۇرلارنىڭ ئۇزۇلۇپ قالماسلىقى ئۇچۇن تور بىكىتىمىزنى
باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ.
yumur.wodemo.com



Subscribe | Register | Login | N